مۇھىم

Microsoft Dynamics 365 تېرمىنال يۇمشاق دېتالىدا شىركەت سودىسىنى باشقۇرۇش، خېرىدار باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، تەمىنات زەنجىرى، تىجارەت يۈرگۈزۈش، ئىشلەپچىقىرىش دوكلاتى، تور سودىسى ۋە ئەمگەك كۈچى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان كارخانا پىروگراممىلىرى بار. بۇ ئۇچۇرلار قاپلايدىغان Dynamics 365 تېرمىنال مەھسۇلاتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

زۆرۈر ۋە تاللانما مەلۇمات ھەققىدە

Microsoft قانداق ئۇچۇرلارنى توپلاپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا بولىدۇ ھەمدە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق توپلايدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تىزگىنى ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى خېرىدارلارغا بېرىدۇ. شۇ مەقسەتتە، ئاساسىي مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدە خېرىدارلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىدىن توپلىنىدىغان مەلۇماتلارنى تۆۋەندىكى تۈرگە بۆلدۇق: زۆرۈرياكىتاللانما. بۇ ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ بىز توپلايدىغان مەلۇماتلار ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا قارىتا مەخپىيەتلىككە ئالاقىدار تەدبىر قوللىنىشىنى قولايلاشتۇردۇق.

تەكشۈرۈش مەلۇماتى Dynamics 365 نىڭ نورمال يۈرۈشى، بىخەتەرلىكى، ئۇنى يېڭىلاش، كۆرۈلگەن مەسىلىنى بايقاش، تەكشۈرۈش ۋە ئوڭشاش ئۈچۈن كېرەكلىكتۇر. بۇ مەلۇماتتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى ياكى تورخەت ئادرېسى، ئىشلەتكۈچىنىڭ ھۆججەت مەزمۇنى ياكى Dynamics 365 كە مۇناسىۋەتسىز ئەپلەرنىڭ ئۇچۇرى بولمايدۇ.

Microsoft بەزى تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرىنىزۆرۈر، يەنە بەزىلىرىنىتاللانمادەپ تۈرگە بۆلسىمۇ، Dynamics 365 پەقەت ئىشلەتكۈچىدىن زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتىنىلا توپلايدۇ. بۇ ماقالىدە تەلەپ قىلىنغان دىئاگنوز سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە Dynamics 365 خېرىدارلار مەھسۇلاتلىرى توپلىغان دىئاگنوز سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كونكرېت تۈرلىرى ئومۇمىي بايان قىلىنغان.

زۆرۈر مەلۇمات

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، زۆرۈر مەلۇمات مەھسۇلاتنىڭ كۈتكەندەك ئىشلىشى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى يېڭىلاش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا خېرىدارنىڭ ئۈسكۈنىسىنىڭ تىپى ۋە نەشرى، يۇمشاق دېتال سەپلىمىسى، ئىشلەتكەن بۇلۇت مۇلازىمەتلىرى، بىخەتەرلىك ياماقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، مەھسۇلاتنىڭ يۈرۈش ھالىتى، كۆرۈلگەن خاتالىق ۋە ئۇلارنى بايقاش، ئوڭشاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇچۇرلار بولىدۇ.

زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى Dynamics 365 نىڭ قاچىلانغان ئۈسكۈنىدە كۈتكەندەك نورمال يۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر كېرەك بولىدىغان ئۇچۇرلاردۇر. مۇلازىمەت سەپلىمىسى، يۈرگۈزۈلگەن بۇيرۇقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان-بولمىغانلىقى، كۆرۈلگەن خاتالىق، بۇيرۇق ئېقىمى، مۇلازىمەتتە قىلغان مەشغۇلات قاتارلىق ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتىنى باشقۇرغاندا ئىدارە ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىكىنى ئالدىن ئويلىشىمىز. مەلۇمات ۋە مەخپىيەتلىك قوغداش ھەققىدىكى ئەھدىمىز: Microsoft ئىشەنچ مەركىزى / مەخپىيەتلىك.

Dynamics 365 ئارقىلىق توپلىنىدىغان زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى ھەققىدە

مەلۇمات تۈرىچۈشەندۈرۈشمىسال
ئۈسكۈنە ئۇلىنىشى ۋە سەپلىمەبۇ خىل زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى ئۈسكۈنە، ئۇنىڭ سەپلىمىسى ۋە ئۇلىنىش ئىقتىدارى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
  • تور كۆرگۈچ تىپى، نەشرى ۋە باشقا سەپلىمە تەپسىلاتلىرى
  • ئۈسكۈنە، ئېكران ئېنىقلىقى، يۆنىلىشى ۋە باشقا سەپلىمە تەپسىلاتلىرى
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمىبۇ خىل زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتىئۈسكۈنە ياكى مۇلازىمەت ساغلاملىقى ۋە يۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
  • ساقلىغۇچ، بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە دىسكا ئىشلىتىلىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
  • رامكا يۈكلەش ۋاقتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
  • مەشغۇلات تاماملاش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىلشىتىشبۇ خىل زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى ئۈسكۈنە، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەپ ۋە مۇلازىمەت ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
  • يېتەكلەش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار
  • رامكا ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرى
  • مەشغۇلات قېتىمى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار
يۇمشاق دېتال سەپلەش ۋە مۇندەرىجەبۇ خىل زۆرۈر تەكشۈرۈش مەلۇماتى ئۈسكۈنىدە يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە يېڭىلاش ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • ئىشلەتكۈچى Dynamics 365 تېرمىنالىنى تۇنجى قوزغىتىپ ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان جەريان
  • قاچىلىغان تېرمىنال ئەپلەرنىڭ ئېغىر خاتالىقلىرىنى بايقايدىغان جەريان

تاللانما مەلۇمات

تاللانما مەلۇمات مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئىشلىتىشنى ياخشىلاشقا كېرەكلىك ئۇچۇرلاردۇر. Dynamics 365 تېرمىنالى مۇلازىمەت بىخەتەرلىكى ۋە ھەرقايسى ئىقتىدارلارنىڭ نورمال يۈرۈشى ئۈچۈن پەقەت زۆرۈر مەلۇماتلارنى توپلايدۇ، تاللانما تەكشۈرۈش مەلۇماتى توپلىمايدۇ.

مەخپىيەتلىك ئۇچۇرى ۋە تەڭشەكلىرى

Microsoft توپلايدىغان مەلۇماتلار ھەققىدە تاللاش ھوقۇقىنى خېرىدارلارغا بېرىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇلانمىلار ئارقىلىق Microsoft توپلايدىغان مەلۇمات ھەمدە كارخانا ۋە سىستېما باشقۇرغۇچىلار ئىشلىتىدىغان تىزگىنلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆرەلەيسىز.

ئىدارە باشقۇرغۇچىلىرى ئىشلىتەلەيدىغان Dynamics 365 مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرىنى باشقۇرۇش تاللانمىلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

ئادەتتىكى مەلۇمات توپلاش ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلاتىمىز ھەققىدىكى تەپسىلاتلار: