Microsoft مەخپىيەتلىك دوكىلاتى - 2019-يىلى دېكابىر

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2019 دېكابىر

تونۇشتۇرۇش

‏Microsoft شىركىتى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىر كىشى ۋە ئىدارە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. بۇ ۋەدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، سىزنى ئۇچۇرلارنىڭ قانداق توپلىنىشى ۋە ئىشلىتىلشىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان مەھسۇلات، ئۇچۇر ۋە كونترول ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيمىز. شەخسىي مەلۇماتلارنىڭ قانداق توپلىنىدىغانلىقى، مەلۇماتلارغا بولغان كونتروللىقىڭىز ۋە باشقا سىزگە خەۋەردار بولۇپ تاللاشقا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان مەخپىيەتلىك يېڭىلىقلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇڭ.

بۇ دوكىلات ھەققىدە

Microsoft سودا ۋە يەككە خېرىدارلارنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تاللاش چىقىرىشىغا بار كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەخپىيەتلىك خىزمىتى ئۈچۈن بىز ھەر ئىككى يىلدا بىر يېڭىلاش ئېلىپ بارىمىز. 2019-يىلى دېكابىردا تارقىتىلغان بۇ قېتىمقى يېڭىلاش بىزنىڭ تۇنجى مەخپىيەتلىك دوكىلاتىمىز. ئۇ زۆرۈر ياكى ئىختىيارى مەلۇمات شەكىلىدە ئۈسكۈنىلەردىن توپلانغان شەخسىي مەلۇماتلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى، شەخسىي مەلۇماتلارنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۆچۈرۈش دېگەندەك مەلۇمات سۇبيېكتىب ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىزنى سىز بىلىشكە تىگىشلىك مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

شەخسىي مەلۇمات توپلاش

Microsoft ئەزەلدىن سىزگە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشنى، سىزنىڭ مەلۇماتنى چۈشىنىشڭىز ۋە كونترول قىلىشىڭىزنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپتىدە، بىز مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن مودېلغا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خېرىدارلار ئۈسكۈنىلىرىدىن توپلانغان مەلۇماتلارنى تۈرگە بۆلۈپ زۆرۈر ياكى تاللانما. ئىشىنىمىزكى بۇ خىل مودېل سىزنى ئۇچۇرلارنى ئاسانلا تاپالايدىغان، ئاسان چۈشىنىدىغان، ۋە بىز تەمىنلىگەن قوراللار بىلەن ئاسان بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەلۇماتزۆرۈر كاتېگورىيە بولسا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزنى كۈتكەندەك خىزمەت قىلىدىغان، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، بىخەتەر، ۋە نورمال ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. زۆرۈر مەلۇمات ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك، ئىزدەشتە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ، بۇ بىزنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىگە قايتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، IP ئادىرېس، تىپى، ئۈسكۈنىنىڭ نەشىر نومۇرى، بۇ ئۇچۇرلار مەشغۇلاتىڭىزنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن بىخەتەرلىك تولۇقلىمىسىغا تەمىنلىنىدۇ. دىياگنوز مەلۇماتى، بۇ ئاساسلىق ئىقتىدارلاردىن كاشىلا چىقىشنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

بەزى ئەھۋاللاردا، زۆرۈر مەلۇماتقا تايىنىدىغان مەھسۇلات ئىقتىدارى ياكى ئالاھىدىلىكىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكىنى قارار قىلىش ئارقىلىق زۆرۈر مەلۇماتنىڭ توپلىنىشىنى كونترول قىلالايسىز. مەسىلەن، ئەگەر بىر كارخانا خېرىدار Office 365 ئىشلىتىپ بۇلۇتتا ھۆججەت ساقلاپ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئىشلىسە، بىز خىزمەتچىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىخەتەر ساقلاش ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىدا ماسقەدەملەش ئۈچۈن زۆرۈر مەلۇماتلارنى توپلايمىز. ئىقتىدار ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى كونترول قىلىشنى سىزگە توغرا كەلگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن پىكىر-تەلەپلەرنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىمىز. مەلۇم ئالاھىدىلىك ۋە ئىقتىدار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەلۇماتلارنىڭ توپلىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىشىڭىز ئۈچۈن سىزنى قوشۇمچە سەپلىمىلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز.

مەلۇماتتاللانما كاتېگورىيە مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئۈچۈن زۆرۈر ئەمەس، سىز مەلۇماتلارنىڭ توپلىنىشىنى مەلۇم مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى ياكى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش- ئىشلەتمەسلىكىنى تاللاش ئارقىلىق ئايرىم كونترول قىلالايسىز. سىزنى ئاساسلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىمىز ئۈچۈن مەھسۇلات تەڭشىكىدە بۇنداق توپلاشقا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىققا قارار قىلىش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيمىز ئۈسكۈنىڭىزدىكى مەھسۇلات تەڭشىكى تۇنجى نۆۋەت تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىختىيارى مەلۇمات توغرىسىدىكى قارارىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئىختىيارى مەلۇمات مىساللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخىمۇ ئىلغان رەسىم تاللانمىسى ئۈچۈن توپلانغان سىز Word ھۆججىتىگە قىستۇرغان رەسىم، تەمتەسۋىرنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ئۈچۈن توپلانغان تەمتەسۋىر ئالمىشىش ۋاقتى. بىزنىڭچە، كىشىلەرنىڭ بۇ ئىختىيارى مەلۇماتنى ئورتاقلىشىشنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بار. بۇ مەلۇماتلار بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى ياكى تېخىمۇ ئىلغار ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بىز سىزنىڭ نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىزنى ۋە ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە تاللاش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مۇلازىمەتنى چېكىپ ئۇلارنىڭ مەلۇمات توپلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ. شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى، بۇ دوكلات ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاستىدىكى خۇلاسە ئۇلانمىسى يېڭى مۇلازىمەت يېڭىلانمىسى تارقىتىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئ‍ۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسىدىكى دوكىلاتتا Xbox ۋە Dynamics مۇلازىمەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلىدۇ.

Office ماركىسى
Office
Windows ماركىسى
Windows

مەلۇمات سۇبيېكتى ھوقۇقى

مەلۇمات سۇبيېكتى ھوقۇقى ، ياكى DSRs ياۋروپا ئىتىپاقى ئومۇمىي مەلۇمات قوغداش قائىدىسى ۋە باشقا مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مەخپىيەتلىك قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. DSRs شەخسىيلەرنى ئۆز شەخسىي مەلۇماتلىرىنى كۆرۈش، چىقىرىش، ئۆچۈرۈش ۋە كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شەخسىيلەرنى تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارىلىك ۋە تىزگىنلەش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دۇنيا مىقياسىدا- ئامېرىكىدىكى 10.3 مىلىيون ئىشلەتكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان -28 مىلىيون ئادەم بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىپ مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش سۇپىسى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنى كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ مەلۇماتلارنى قانداق توپلاپ قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىزنى كىشىلەرگە ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان مەلۇمات تاختىسىدا كىشىلەر بىز توپلىغان مەلۇماتلارنى كۆرسە، ئۆزلىرى ساقلىماقچى بولغان مەلۇماتنى چىقىرىۋالسا ياكى باشقا ئۈسكۈنىگە يۆتكىسە ۋە ياكى Microsoft تا ساقلاشنى خالىمىغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسا بولىدۇ.

دۇنيا خەرىتىسىدە دېيىلىشىچە، Microsoft نىڭ 2018-يىلى مايدىن 2019-يىلى ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش سۇپىسىنى زىيارەت قىلىدىغان 28 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچىسى بار

2019-يىلى مايدىن ئۆكتەبىرغىچە بولغان ئالتە ئاي ئىچىدە، 7.7 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مەلۇمات تاختىسىنى ئىشلىتىپ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. بۇ ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى رايونلاردىكى بازارلاردا ئەڭ ئالاھىدە زىيارەتچىلەر كۆرۈلگەن:


ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، ئەنگىلىيە، بىرازىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئىسپانىيە، مېكسىكا ۋە جۇڭگودىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۆزگىچە زىيارەتچىلىرى بار.

كالىفورنىيە ئىستېمالچىلار مەخپىيەتلىكى قانۇنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سالامەتلىك ۋە ئىقتىساس ئۇچۇرلىرىغا ئوخشاش سەزگۈر ئۈچۇرلارغا كۈچلۈك شىتات مەخپىيەتلىك قانۇنلىرى قوللانغان. يېقىنقى مەزگىللەردە، كالىفورنىيە ئىستېمالچىلار مەخپىيەتلىكى قانۇنى (CCPA)غا ئوخشاش ئەتراپلىق شىتاتلىق مەخپىيەتلىك قانۇننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق. 2020-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان CCPA ئاساسلانغاندا، شېركەتلەر مەلۇمات توپلاش ۋە ئىشلىتىشتە ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشى، ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سېتىلىشىنى ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تەدبىر قوللىنىشى كېرەك بولغان. بىز كالفورنىيەنىڭ يېڭى قانۇنى قەتئىي قوللايمىز ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەخپىيەتلىك قوغداشنى كېڭەيتىشنى قوللايمىز. 2018-يىلى، بىزنىڭ شېركەت خالىسانە ھالدا بىرىنچى بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ GDPR ھەققىدىكى يادرولۇق مەلۇمات مەخپىيەتلىك ھوقۇقلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كېڭەيتىلدىياۋروپا ئىتتپاقىدىكى پەقەت قائىدە-نىزاملار بىلەنلا قالغان شېركەتلەر ئەمەس شۇنىڭدەك، بىز كېڭەيتىلگەن CCPA يادرولۇق ھوقۇقى ئامېرىكىدىكى بارلىق خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتىنى تىزگىنلىشى ئۈچۈن. ۋەھالەنكى، نۇرغۇن خېرىدارلىرىمىز بىز GDPR ئارقىلىق تەمىنلىگەن قوغداش تەدبىرلىرى كالىفورنىيە يېڭى قانۇنى ئارقىلىق تەمىنلەنگەن قوغداش ۋە ھوقۇقلاردىن كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىز ئامېرىكىدىكى شىتاتلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى ئىزچىل قوللايمىز. CCPA بېتى تەپسىلاتى ئۈچۈن

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز كارخانا خېرىدارلىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئۇلارنىڭ CCPA بويىچە ئىش كۆرۈشىگە ياردەم بېرىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا سودا قىلىۋاتقان شېركەتلەر GDPR بويسۇنىشى كېرەك بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان DSRs نىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولغان. لېكىن، ئامېرىكىغا جايلاشقان نۇرغۇن شېركەتلەر ئۈچۈن CCPA بويىچە ئىش كۆرۈش بىر يېڭى ئىش ياكى قىيىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن سودا خېرىدارلىرى تۆۋەندىكى مەزمۇننى زىيارەت قىلىپ CCPA ئومۇمىي چۈشەنچە بېتىخېرىدارلىرىڭىزنىڭ مەلۇماتىنى قوغداش ۋە CCPA تەلەپلىرىنى قانداق قاندۇرۇش توغرىسىدا Microsoft تەشكىلاتىڭىزغا قانداق ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقى چۈشىنىڭ.

توردىكى مۇلازىمەت شەرتنامىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ چۈشەندۈرۈلىشى

Microsoft ھەم سودا خېرىدارلىرىمىز ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارىلىك ۋە قوغداشنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرشىۋاتىدۇ. يېقىندا بىز خېرىدارلاردىن كەلگەن ئىنكاسقا بىۋاستە جاۋاب سۈپىتىدە، بىزنىڭ سودا بۇلۇت كېلىشىمنامىسىدا يېڭى تور مۇلازىمەت شەرتنامىسى(OST) ئېلان قىلدۇق. بۇ خىزمەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، Microsoft بۇلۇت مۇلازىمىتىدە مەلۇم باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش نىشانى ئۈچۈن يۇقىرى مەسئۇلىيەت ۋە كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. زىيارەت قىلىڭ بىلوگى ئارقىلىق بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيدۇ.

باشقا مەنبەلەر

ۋاقىت چىقىرىپ Microsoftنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەخپىيەتلىك دوكىلاتىنى ئوقۇپ چىققانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ Microsoft مەخپىيەتلىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەنبەنى زىيارەت قىلىڭ:

بۇ دوكىلاتتىن باشقا، بىزنىڭ ئاشكارا بولۇش دوكىلاتىمىزمۇ دېققىتڭىزنى تارتىشى مۇمكىن قانۇن ئىجرا تەلەپلىرى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دېگەندەك تېمىلار توغرىسىدىكى قوشۇمچە دوكىلاتلارنىڭ كۆرمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇننى زىيارەت قىلىڭ Microsoft ئاشكارىلاش مەركىزى.